سەئۇدى ئەرەبىستان 300مىڭ قانۇنسىز ئىشچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

سەئۇدى ئەرەبىستان قانۇنسىز ئىشچىلارنى بىتەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

287999
سەئۇدى ئەرەبىستان 300مىڭ قانۇنسىز ئىشچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى يېقىنقى 5 ئاي ئىچىدە قانۇنسىز رەۋىشتە ئىشلەۋاتقان ياكى ۋاقىتلىق تۇرۇش ئىجازەتنامىسى (ئىقامىتى) بولمىغان 300 مىڭ ئادەمنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

سەئۇدى ئەرەبىستانغا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرىشكە ئورۇنغان 900 مىڭ ئادەم چېگرا ئېغىزلىرىدا قولغا چۈشۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا نوپۇسنىڭ 3 تىن بىرىنى چەت ئەللىكلەر تەشكىل قىلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە 2 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.

ھازىرغىچە 3 مىليونغا يېقىن قانۇنسىز ئىشچىنى دۆلەتلىرىگە يوللىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى، بۇ جەھسەتتىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر