چىلىدا سەل ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 17 گە يەتتى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى چىلىدا ئۇدا 5 كۈندىن بۇيان يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 17 گە يەتتى.

289034
 چىلىدا سەل ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 17 گە يەتتى

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 20 كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن يامغۇر بولۇپمۇ ئاتاكاما چۆل رايونىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
كوپىئاپو دەرياسىنىڭ تېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، يېقىنقى 80 يىلنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك سەل پالاكىتىگە سەھنە بولغان رايوندا تاغ كۆچكىنى تەھدىتىگە قارشى مىڭلارچە كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
پىرېزىدېنت مىشېل باچېلېتنىڭ باياناتچىسى سەل ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان رايونلارغا تەخمىنەن 10 مىليون دوللارلىق ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر