خىتاي ئارمىيەسى ئەدەن پورتىغا 3 پاراخوت يوللىدى

يەمەن ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

287032
خىتاي ئارمىيەسى ئەدەن پورتىغا 3 پاراخوت يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى يەمەندىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا باشلىدى ۋە رايوندىكى دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى چارلاش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈن (دۈشەنبە) كى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ پاراخوتى توقۇنۇش رايونىغا قاپسىلىپ قالغان 500 خىتاينى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئەدەن پورتىغا يوللانغان. بۇ خىتاي ئەسكىرىي كۈچلىرىنىڭ بۇ خىل قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى، 2011- يىلى لىۋىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش قاينىمىدا قالغان 35 مىڭ خىتاي پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن، تۇنجى قېتىم ئىلغار ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ھەربىي يۈك ئايروپىلانلىرىنى رايونغا ئەۋەتكەنىدى.

ئىران بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىش خەۋپىنى يارىتىۋاتقان يەمەندىكى توقۇنۇشتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق خەۋەر يوق.

يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دائىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇناىسۋەتلىك تەرەپلەرنى ئەدەن قولتۇقىدا سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقئارا چارلاش ئەترىتىدىكى خىزمەتلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغانلىقى توغرىسىدا ۋاقىپلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، باياناتتا چارلاش خىزمەتلىرىگە قاچاندىن باشلاپ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2008- يىلى دېكابىردا خەلقئارا چارلاش ئەترىتىگە قېتىلغان بولۇپ، رايوندا مۇقىم ۋەزىپە ئۆتەش مەقسىتىدە 19 ئەسكەر ئەۋەتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر