بەششار ئەسەد رۇسىيەنى قىيىن ئەھۋالدا قويدى

سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيەنىڭ 2011 – يىلدىن بۇيان قورال ياردىمى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

288488
بەششار ئەسەد رۇسىيەنى قىيىن ئەھۋالدا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد رۇسىيەدە چىقىدىغان «روسىيىسكايا گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «رۇسىيە 2011 – يىلدىن بۇيان دەمەشىققە قورال ياردىمى قىلىۋاتىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە: «رۇسىيە بىلەن ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا ئىمزالانغان ۋە ھازىرغىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر قاتار كېلىشىملىرىمىز بار» دېدى.
بەششار ئەسەدنىڭ بۇ باياناتى رۇسىيە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتلارنى يالغانغا چىقاردى، دەپ قارالماقتا. چۈنكى موسكۋا ئىچكى ئۇرۇشتىن بۇرۇن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ روھى بويىچە دەمەشىققە قورال ياردىمى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. ئەمما، بەششار ئەسەد رۇسىيە تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان قورال ياردىمىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
بەششار ئەسەدنىڭ 6 – 9 – ئاپرېل كۈنلىرى ئارىسىدا موسكۋادا ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدىن بۇرۇن بۇ باياناتنى بېرىشى دىققەت قوزغىدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاستا بولمىدى، ئەمما كرېمىل دىققەت قوزغايدىغان بىر بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا: «خەلقئارا قانۇن رامكىسىدا تېخنىكا ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېيىلدى.
بەششار ئەسەد ئامېرىكا CBS تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بولسا، 220 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىچكى ئۇرۇشتا، خلور گازى ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدا غەلىتە گەپ قىلدى. ئۇ: «بۇ سۈرىيەگە قارشى يامان نىيەتتە قىلىنغان تۆھمەت. خلور گازى ئارمىيەدە ئىشلىتىلىدىغان گاز ئەمەس، ھەممە يەردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ. كۈچلۈك قورال ئەمەس» دېدى.
ئۇ ۋارىل بومبىسى ھەققىدىمۇ توختالدى ۋە: «ۋارىل بومبىسى دەيدىغان نەرسە يوق، بومبىلىرىمىز بار. پۈتۈن بومبىلار ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ياسىلىدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر