ياپونىيە باش ۋەزىرى خىتايغا تەكلىپ قىلىندى

خىتاي ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابىنى 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 70 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلدى.

282479
ياپونىيە باش ۋەزىرى خىتايغا تەكلىپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى باش ۋەزىر شىنزۇ ئابىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 70– يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
نام – شەرىپىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمىغان ياپونىيەلىك بىر مەسئۇل ئەمەلدار كىيوتو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، باش ۋەزىر شىنزۇ ئابىنىڭ «ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلىنغانلىقى» نى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىق توغرىسىدا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىر قانچە كۈن بۇرۇن شىنزۇ ئابىنىڭ بۇ مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنىپ – قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «بارلىق مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىگە تەكلىپ ئەۋەتىمىز. ياپونىيە 70 يىل بۇرۇن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان، ئەمما 70 يىل كېيىن ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويماسلىقى لازىم» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.
ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە تۇنجى قېتىم ئۆزئارا كۆرۈشۈپ، رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. كۆرۈشۈشتە، خىتاي بىلەن ياپونىيە 2009 – يىلى توڭلىتىپ قويغان ئۇچرىشىشلارنى قايتىدىن باشلاش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
ياپونىيە 2 – دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا خىتاي ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلغان بولۇپ، 1945 – يىلى 2 – سېنتەبىر  ئامېرىكىنىڭ «مىسسۇرى» ناملىق پاراخوتىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم نەتىجىسىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە تەسلىم بولغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر