كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 6 كىشى قازا قىلدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 6 كىشى قازا قىلدى، 31 كىشى يارىلاندى.

281506
 كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 6 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرراھمان راھىمى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمدا ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
كۆپ ساندا ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىغان ھۇجۇمدا ئەتراپتىكى بىنالار بىلەن دۇكانلارنىڭ ئەينەكلىرى چېقىلىپ كەتتى، يېقىن ئەتراپتىكى كوچىلار بىلەن يوللار ئۇزۇنغىچە تاقىلىپ قالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر