مېركېل بىلەن چىپراس بېرلىندا بىر يەرگە جەم بولدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بىلەن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى چىپراس بېرلىندا بىر يەرگە جەم بولدى.

278623
 مېركېل بىلەن چىپراس بېرلىندا بىر يەرگە جەم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  گىرېتسىيە باش مىنىستىرى چىپراس بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەپتىپ ماددىسى گىرېتسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىدى.
ئۇچرىشىشتا، چىپراس ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانىنى مېركېلگە سۇندى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانى، باجلارنىڭ كۆپەيتىلىشى، دۆلەت كارخانىلىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋە باج ئەتكەسچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئانگېلا مېركېل، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «گېرمانىيە ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانىنىڭ توغرا يېكى خاتا ئىكەنلىكى توغرۇلۇق قارار چىقىرىدىغان بىر ئورگان ئەمەس، بىز پەقەت ياۋرو رايونى گۇرۇھىنىڭ بىر ئەزاسى خالاس» دېدى.
مېركېل، گىرېتسىيەنىڭ تۆلەم تەلىپىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن سىياسىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن تاقالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس، يېقىندىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى يىرىكلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «مېركېل گېپىمىزگە قۇلاق سېلىۋاتىدۇ ھەمدە پىكىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئىلمىي يوسۇندا ئالغا ئىلگىرىلەشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بەلكى سىرتتىن قارىغاندا مۇناسىۋەتلىرىمىز باشقىچە شەكىلدە كۆرۈنۈشى مۇمكىن، بۇ پەقەت قارىغۇلارچە ھۆكۈم چىقىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، چۈنكى مۇناسىۋەتلىرىمىز ياخشى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر