سۈرىيە ئامېرىكىنىڭ بىر ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋەتتى

سۈرىيە سانا خەۋەر ئاگېنتلىقى ئامېرىكىغا ئائىت بىر رازۋېتكا ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

268837
سۈرىيە ئامېرىكىنىڭ بىر ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە سانا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ رازۋېتكا ئايروپىلانى لازقىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بىن ھادى رايونىدا سۈرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى بىر مەسئۇل ئەمەلدار، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى توغرىلىدى، ئەمما ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر