ئەسەد قىسىملىرى خلور گازى ئىشلەتتى
بەششار ئەسەدكە قاراشلىق ئەسكەرلەر ئىدلىب شەھىرىگە قاراشلىق سەرمىن ۋە كۇمەنياس بازارلىرىغا تەركىبىدە ‹زەھەرلىك خلور گازى› بار بومبىلارنى تاشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گازدىن زەھەرلەنگەن 70 ئادەم سەرمىندىكى چۆل دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا.
ئىدلىبتىكى دوختۇرخانا مەسئۇللىرى، گازدىن زەھەرلەنگۈچىلەردە ‹كۆز قارچۇغى كىچىكلەپ كېتىش، نەپەس سىقىلىش، قۇسۇش، سەزمەسلىك› ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رايوندىكى خالىسانە مۇداپىئە ئەترەتلىرىمۇ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى جەزملەشتۈردى. سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاب كېڭىشىمۇ كلور گازىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ گازدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيە باش مىنىستىرى مانۇئېل ۋالس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىنىڭ سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد توغرىسىدىكى سۆزلىرىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەسەد مەۋجۇتلا بولىدىكەن، سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىلمايدۇ ۋە بۇنى جون كېررىمۇ بىلىدۇ» دېدى.
كېررى، سۈرىيەدە سىياسىي ئۆزگىرىش يارىتىش ئۈچۈن، ئەسەد بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدىغانلىقلىرىنى ۋە سۈرىيە لىدېرىگە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.