ئەنگلىيە شاھزادىسى ھەربىي سەپتىن چېكىنىشكە تەييارلانماقتا

ئەنگلىيە شاھزادىسى ھارى ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ ئەنگلىيە ئارمىيەسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدۇ.

267345
ئەنگلىيە شاھزادىسى ھەربىي سەپتىن چېكىنىشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھزادە ھارى ئەنگلىيە ئارمىيەسىدە 10 يىل بويىچە ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى؛ خان جەمەتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شاھزادە ھارىنىڭ ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدا ئاۋسترالىيە مۇداپىئە كۈچلىرى سېپىدە قىسقا ۋاقىت ئۆتەيدىغانلىقى، ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن 10 يىللىق ئەسكىرىي ۋەزىپىسىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئاپاچى ناملىق ھۇجۇمچى تىك ئايروپىلان قىسىملىرىنىڭ قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستاندا 2 قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتكىمۇ ئىشتىراك شاھزادە ھاررى، ئەنگلىيە ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن يارىدار ئەسكەرلەرگە بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن پىروگراممىلارغىمۇ باشلامچىلىق قىلغانىدى.

شاھزادە ھارىنىڭ ياز ئايلىرىدا خالىسانە خىزمەتلەردە بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر