بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ سىياسىي ھاياتى پات يېقىندا بەلگىلىنىدۇ

ئىسرائىلىيەدە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلمەكتە.

267039
بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ سىياسىي ھاياتى پات يېقىندا بەلگىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سايلاملارنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ پارتىيەسى لىكۇد بىلەن مەركەز سولچىل سىيونىست بىرلىك ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ئۆتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
6 مىليون سايلىغۇچى بولغان ئىسرائىلىيە ئىزچىل بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇپ كېلىنمەكتە. ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىرلەشمە پارتىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن ئىختىلاپلار 2017-يىلى نويابىر ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان سايلاملارنىڭ ھازىرغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولدى.
سايلاملارغا 11 پارتىيە قاتنىشىدۇ. باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇ سايلامدا تۆتىنچى نۆۋەت ئۈچۈن رىقابەتلىشىدۇ. سايلامدا نىسپىي تەمسىل سىىستېمىسى يولغا قويۇلىدۇ. بۈگۈن ئاۋاز بېرىدىغان سايلىغۇچىلار ھەر قانداق بىر نامزاتقا ئەمەس 120 نامزات بولغان پارتىيە تېزىملىكىگە ئاۋاز بېرىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، ئىزاك ھېرزوگ بىلەن تىزىپى لىۋنى رەھبەرلىگىدىكى سىيونىست بىرلىك، لىكۇد پارتىيەسىدىن بىر نەچچە نومۇر ئالدىدا تۇرىدىكەن. راي سىناشتا يەنە سايلامغا ئورتاق «ئەرەب تېزىملىكى» بىلەن كىرىدىغان ئىسرائىلىيە پۇقراسى پەلەستىنلىكلەرنىڭ، كىنېسسېتتە 15 ئورۇندۇق قولغا كەلتۈرۈپ، ئەڭ چوڭ ئۈچىنچى گۇرۇپپا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
مۇتەخەسسىلەر سايلامدا تەشۋىق قىلىنىدىغان ئاساسلىق مەسىلىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى، باش مىنىستىرنىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىنىڭ پارتىيەسى ئۈچۈن پالاكەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئىسرائىلىيەنىڭ 67 يىللىق تارىخىدا 120 ئورۇندۇقلۇق كىنېسسېتتا ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر پارتىيە مۇستەقىل ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرالايدىغان كۆپ سانلىققا ئىگە بولالمىدى.
5 مىليون 881مىڭ 696 سايلىغۇچى ئەتە ھەر قانداق بىر نامزاتقا ئەمەس، 120 كىشى بولغان پارتىيە تېزىملىكىگە ئاۋاز بېرىدۇ. ھەر پارتىيەنىڭ تېزىملىكىدىن قانچىلىك ئاۋاز چىقسا شۇنچىلىك نامزات پارلامېنتقا كىرەلەيدۇ، بىراق پارتىيەلەر ئالدى بىلەن بۇلتۇر 3.25%گە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن سايلام چېكىدىن ھالقىپ ئۆتۈشى كېرەك.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر