ئافغانىستاندا دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

ئافغانىستاندا دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ 9 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى.

266475
ئافغانىستاندا دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئارمىيەسى ھېلماند شەھىردىكى دائېشنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.
مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سانگىن ناھىيەسىگە قاراشلىق مۇلازوي رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە تەشكىلاتنىڭ ھېلماند رايونى مەسئۇلى ھافىز ۋاھىدى بىلەن 9 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ھەربىي ھەرىكەتتە 6 مىلىتاننىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ھەربىي قىسىملارنىڭ تەشكىلاتنىڭ قورال-ياراغلىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى. دائېشنىڭ كېيىنكى ئايلاردا ئافغانىستاننىڭ بەزى رايونلىرىدا تەسىر كۈچىنىڭ ئاشقانلىقى ۋە تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ دائېش سېپىغا قوشۇلغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. دائېشنىڭ يىللارنىڭ مابەينىدە ئىچكى ئۇرۇشقا سەھنە بولىۋاتقان ئافغانىستاندا تەسىر دائىرىسىنىڭ ئېشىشىنىڭ، ئافغانىستاندا مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆرستىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارغا زەربە بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر