«قىزىل بايراق» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باشلىقىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە

خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى FAW ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ دىرېكتورى شۈ جىيەنيى ئىنتىزامغا بويسۇنماسلىق ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيبلىنىپ، تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى.

266063
«قىزىل بايراق» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باشلىقىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى FAW (قىزىل بايراق) شىركىتىنىڭ دىرېكتورى شۈ جىيەنيى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۈجىيەنيىنىڭ، ئىنتىزامغا بويسۇنماسلىق ۋە قانۇنغا خىلاپلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتايدا 1953 – يىلى قۇرۇلغان FAW گۇرۇھى 1990 – يىلى گېرمانىيەنىڭ ۋولكسۋاگېن شىركىتى ۋە 1995 – يىلى ئوۋدى شىركىتى بىلەن شېرىكلىك كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئاپتوموبىل سانائىتىدە دۇنيا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شىركەتكە ئايلانغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر