ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكىغا قارشى نامايىشقا ساھىبخانىلىق قىلدى

ۋېنېزۇئېلا پايتەختى كاراكاس ئامېرىكىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا ساھىبخانىلىق قىلدى.

261665
ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكىغا قارشى نامايىشقا ساھىبخانىلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوزۇنكىلار بىلەن رەسىملەرنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ۋېنېزۇئېلاغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنى ئەيىبلىدى.
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرومۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
بولىۋىيەنىڭ لاپاز شەھىرىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسى ۋېنېزۇئېلانى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئىقتىسادىي جەھەتتىن ناھايىتى قىيىن ئۆتكەلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرى، شۇ سەۋەبتىن دائىم دېگۈدەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئەيىبلەيدۇ.
دۆلەتتە ئۆتكەن ئايمۇ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
سابىق پىرېزىدېنت چاۋېزنىڭ 2013 – يىلى ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن، دۆلەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن خېلىلا كەينىگە چېكىنىپ كېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل پاخاللىقىمۇ خەلقنى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچار قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر