پاكىستان ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى قايتىدىن باشلايدۇ

پاكىستان ھۆكۈمىتى تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىگە بەزى يېڭى چارە – تەدبىرلەرنى ئىلاۋە قىلدى.

257618
پاكىستان ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى قايتىدىن باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆلۈم جازالىرىنىڭ كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ھۆكۈمەت، تېررورچىلارنىڭ ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى قارارلاشتۇردى.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئۆلۈم جازاسىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ‹كېچىكتۈرۈش قارارى›» نىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن، «قانلىق مەكتەپ ھۇجۇمىدا بالىلارنى ئۆلتۈرگەن تېررورچىلار» نىڭ ئۆلۈم جازالىرى ئىجرا قىلىنىدىكەن.

پاكىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە كۆپ سانلىقى بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 150 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن 24 تېررورچىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغانىدى.

قاتناش مىنىستىرلىقىمۇ يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ سىياسەتنىڭ روھىغا ئاساسەن، يانفون ئىشلەتكۈچىلەر يانفون ۋە سىم كارتلىرىنى پەقەت ئۆز ئىسىملىرى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرىدۇ ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش جەريانىدا بارماق ئىزى ئېلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىر يانفون ۋە سىم كارتىنى ئەمەلىيەتتە كىمنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى دەرھال بېكىتىپ چىققىلى بولىدۇ.

پېشاۋۇردا مەيدانغا كەلگەن قانلىق مەكتەپ ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان قوراللىق ئۇنسۇرلاردىن ئالتىسىنىڭ ھۇجۇمدىن ئىلگىرىكى ئۇچۇر - ئالاقىدە بىر يېزىلىق ئايالنىڭ نامىغا تىزىملىتىلغان سىم كارتلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر