كلىنتون سۈكۈتىنى بۇزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلاري كلىنتون سۈكۈتىنى بۇزدى.

257569
كلىنتون سۈكۈتىنى بۇزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كلىنتون، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدىكى رەسمىي ئۇچۇر – ئالاقىلىرىنى خۇسۇسىي ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق يازغانلىقى سەۋەبىدىن باشلانغان ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب قايتۇردى. خەلق ئاممىسى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا ئېتىبارسىز قارىمىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ھىلاري كلىنتون بۇ ھەقتىكى تۇنجى باياناتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ كۈچەيتىلىشى» تېمىلىق يىغىندىن كېيىن بەردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خۇسۇسىي ئېلخەت ئادرېسىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن كلىنتون، بۇنىڭ قانۇنسىز ئىش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

كلىنتون، «ئاسان بولۇشى ۋە ئىككى ئايرىم ئادرېس ئۈچۈن ئىككى تېلېفون كۆتۈرۈپ يۈرۈشنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇچۇر – ئالاقەمنى خۇسۇسىي ئېلخەت ئادرېسىم ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇردۇم. ئۆتمۈشكە قاراپ، ئېلخەت ئادرېسلىرىم ئۈچۈن ئىككى ئايرىم تېلېفون ئىشلەتكەن بولسام، ياخشى بولىدىكەندۇق، دەپ ئويلاۋاتىمەن» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر