كېرى مىسىر ۋە شىۋېتسارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يېن پىساكى، كېرىنىڭ 12 – مارت كۈنى مىسرنىڭ شەرمۇش شەيخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مىسىر ئىقتىسادىي تەرەققىيات كونفېرانسىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

257283
كېرى مىسىر ۋە شىۋېتسارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىساكى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرىنىڭ بۇ يەردە مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى ۋە مىسىرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئى ش ئى د گە قارشى كۈرىشى، لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان كىرىزىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا – مىسىر مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە يەر شارى خاراكتېرلىك بىرقاتار مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
پىاسكى، كېرىنىڭ شىۋېتسارىيەدىمۇ 15 – مارت كۈنى 1+5 دۆلەتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان مۇزاكىرىلەرگە قاتنىشىۋاتقان بىر تەرەپ سۈپىتىدە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر