«گېرمانىيە تارىخى بىلەن يۈزلەشتى»

ئانگېلا مېركېل ياپونىيە زىيارىتىدە گېرمانىيەنىڭ تارىخى بىلەن يۈزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

255149
«گېرمانىيە تارىخى بىلەن يۈزلەشتى»

تۈركىيە ئاۋاز رادىيوسى خەۋىرى: 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىگە ئاز قالغاندا، توكيودا سۆز قىلغان مېركېل، گېرمانىيەنىڭ ئۆتمۈشتىكى تارىخى بىلەن يۈزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.
مېركېل توكيودا قاتناشقان بىر يىغىندا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئانگېلا مېركېل ئۇرۇشنىڭ قورقۇنچلۇقى ۋە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەكسىچە، گېرمانىيەنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە قوبۇل قىلدۇرۇشتا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
مېركېل ياپونىيە ئىمپېراتورى ئاكىخىتو ۋە ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئابې ئۇكرائىنا كىرزىسىنىڭ دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق ئاساس قىلىنغان ھالدا ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ مۇھىم رولى ئوينىشى كېرەكلىكى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. شۇنداقلا ئىككى رەھبەر ياۋروپا ئىتتىپاقى-ياپونىيە ئەركىن سودا كېلىشىمنامىسىنى يىل ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
ئانگېلا مېركېلنىڭ زىيارىتىدە رايونلۇق ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە، توكيو بىلىم مۇزېيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان مېركېل بىر ئادەم ماشىنا تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر