دائېشقا قوشۇلماقچى بولغان ئەنگلىيەلىك قىزلاردىن خەۋەر ئېلىندى

دائېش سېپىغا قوشۇلماقچى بولغان ئەنگلىيەلىك قىزنىڭ راككادا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

254945
دائېشقا قوشۇلماقچى بولغان ئەنگلىيەلىك قىزلاردىن خەۋەر ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېشنىڭ سېپىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن سۈرىيەگە كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۈچ ياش قىزنىڭ راككا شەھرىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سىكاي خەۋەر قانىلىنىڭ تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇخبىرى سىتىئارت رامسايغا ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 15 ياشلىق شاھمىنما بەگۇم، ئامېرا ئاباسە ۋە 16 ياشلىق قادىزا سۇلتان راككادا ئىلگىرى ئالاقە ئورناتقان يەنە بىر ئەنگلىيەلىك قىزىنىڭ يېنىدا قالىدىكەن.
17-فېۋرالدا لوندۇندىن ئىستانبۇلغا كەلگەن قىزلارنىڭ، يەنە تۈركىيەدىن سۈرىيەگە ئۆتۈپ دائېشنىڭ سېپىغا ئۆتكەنلىكلىرى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ ئارىلىقتا، 3 قىزنىڭ ئائىلىلىرى ئەنگلىيە ساقچىلىرىنى مۇھىم بىر خەتنى بىۋاستە ئۆزلىرىگە يەتكۈزمىگەنلىكىرى ئۈچۈن «ۋەزىپىسىنى سۈيئىستېمال قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.
ئەنگلىيە ساقچىلىرى بۇلتۇر دېكابىردا بەگۈم، ئاباسە ۋە سۇلتان قاتارلىق بۇ ئۈچ قىزنى سوراق قىلغانىدى.
ساقچىلارنىڭ ئۆتكەن ئايدا بۇ ئۈچ قىز بىلەن كۆۈشكەنلىكى ۋە ئائىلىلىرىگە بېرىش ئۈچۈن قىزلارغا خەت بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەكتۇبتا قىزلارنىڭ سۈرىيەگە كەتكەن دوستلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئائىلىلىرىدىن رۇخسەت تەلەپ قىلىنغانىدى. قىزلارنىڭ خەتنى ئائىلىلىرىدىن يوشۇرغانلىقلىرى، خەتنىڭ قىزلار سۈرىيەگە كەتكەندىن كېيىن ھۇجرىلىرىدىن تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر