رۇسىيەدە چوڭ سۈيىقەستكە ئالاقىدار 2 گۇماندار قولغا ئېلىندى

رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئورگىنى باشلىقى بورتنىكوۋ مەسىلە ھەققىدە پىرزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىنغا مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى ۋە گۇماندارلانىڭ كاۋكازلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

252833
رۇسىيەدە چوڭ سۈيىقەستكە ئالاقىدار 2 گۇماندار قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە ئۆكتىچى رەھبەر شۇنداقلا سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر بورىس نېمتىسوۋنىڭ سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلىشىگە ئالاقىدار ئىككى گۇماندار قولغا ئېلىندى.
رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئورگىنى باشلىقى ئالېكساندىر بورتنىكوۋ، رۇسىيە ئاخباراتلىرىغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە بورىس نېمتىسوۋنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدە گۇمانلىق دەپ قارالغان زائۇر دادايىۋ بىلەن ئانزور گۇباشېۋ قولغا ئېلىندى» دېدى.

سابىق مۇۋئاىن باش مىنىستىر بورىس نېمتىسوۋ 27 – فېۋرال كېچىسى موسكۋادا قىرىملىن سارىيىغا ئىنتايىن يېقىن بىر جايدا كىملىكى نامەلۇم كىشلەر تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇپ، ئۆلتۈرۋېتىلگەن ئىدى.
بورىس نېمتىسوۋ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇتىنغا قارشى نامايىشلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكى ۋە ئۆكتىچى پوزىتسىيەلىرى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۈرۇپ كەلمەكتە ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر