ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئېيىبلىدى

خېلور گازىنىڭ باشقا خىمىيەۋىلىك قوراللار بىلەن ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە بىۋاستە ئۆپكىنى زەھەرلەپ كىشىلەرنىڭ ئۆلىمىگە يول ئاچىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

252402
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئېيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئېيىبلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، سۈرىيەدىكى تۇقۇنۇشلاردا خېلور گازىنىڭ قورال ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى. ئەگەر يەنە تەكرارلىنىدىغان بولسا، كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۈردى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە داۋاملىق سۈرىيەنىڭ ئارقىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي بىلەن رۇسىيەمۇ ئەيىبنامىنى قوللاپ ئاۋاز بەردى. پەقەت ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزاسى ۋېنېزۇئېلالا ئاۋاز بېرىشنى رەت قىلدى.
خېلور گازىنىڭ باشقا خىمىيەۋىلىك قوراللار بىلەن ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە بىۋاستە ئۆپكىنى زەھەرلەپ كىشىلەرنىڭ ئۆلىمىگە يول ئاچىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خېلور گازى تىجارىتى ئەركىن بولسىمۇ، ئەمما قورال ئورنىدا ئىشلىتىلىشى 1997 – يلى ئېلان قىلىنغان قارارنامىگە بىنائەن مەنئىي قىلىنغان ئىدى.
ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ھەم قوراللىق قوزغىلاڭچىلارغا، ھەم بىگۇناھ قورالسىز پۇقرالارغا خېلور گازىنى ئىشلەتكەنلىكى پاش بولۇپ قالغاندىن كېيىن، 2013 – يىلىدا خىمىيەلىك قوراللارنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
خمىيەۋى قوراللارغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى سۈرىيەدە بۇ قېتىم خېلور گازىنىڭ قورال ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر