پەلەستىن – ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش زورايماقتا

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى مەركەز كومىتېتى، «پەلەستىن خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرى ۋە باجلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى پەلەستىنلىكلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش پىلانى ھەم تۈرلۈك كېلىشىملەرنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى» تۈپەيلى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى كېلىشىمىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

251480
پەلەستىن – ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش زورايماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كومىتېت، ھاماس ھەرىكىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق باسقۇچىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىدىن سىرت يەنە، پەلەستىننىڭ دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشى نىشان قىلىنغان خەلقئارالىق پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىنى قارارلاشتۇردى.
پەلەستىن – ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان 1993 – يىلقى ئوسلو ۋە 1995 – يىلقى تابا كېلىشىم لايىھەلىرىگە كۆرە، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى كېلىشىمى، ئىسرائىلىيە بىلەن ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ئىلگىرى كۆپ قېتىم بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى كېلىشىمىگە رىئايە قىلىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر