ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بىر كۆمۈر كېنىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈنۈگۈن (4 – مارت) ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بىر كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى.

249513
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بىر كۆمۈر كېنىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە جايلاشقان دونېتسىك رايونىدىكى بىر كۆمۈر كېنىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 31 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. مەسئۇل دائىرىلەر بىر كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. كۆمۈر كان ئىشچىلىرى ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر كۆمۈر كېنى خۇسۇسىي بىر شىركەتكە تەۋە بولۇپ، كاندا قايتىدىن ئىش باشلاندى. ئىشچىلار خىزمەتداشلىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، باشقا كانلارغا چۈشۈپ ئىش باشلىدى. 57 يىلدىن بېرى كۆمۈر چىقىرىلىۋاتقان بۇ كاندا 3 قېتىم چوڭ پاجىئە مەيدانغا كەلدى. 2007 – يىلى ئەڭ ئېغىر ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، 101 ئىشچى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر