ئىسرائىلىيەدە بىر ئەرەب پالامېنت ئەزاسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىسرائىلىيەدە بىر ئايال ئەرەب پالامېنت ئەزاسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

247446
ئىسرائىلىيەدە بىر ئەرەب پالامېنت ئەزاسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ رامات گان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئەرەب پارلامېنت ئەزاسى خانىن زۇئابىگە سۇ بوتۇلكىسى ئېتىلدى.
پارلامېنت ئەزاسى ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا زالدىن چىقىۋالدى، 28 ياشلىق ئىسرائىلىيەلىك زوراۋاننى ساقچىلار نازارەت ئاستىغا ئالدى. خورلۇقتا قالغان ئەرەب پارلامېنت ئەزاسى ساقچىلارنى يېتەرلىك تەبىر ئالماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.
زۇئابى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: «مەن بۇ دۆلەتتە بىر پەلەستىن پۇقراسىمەن ۋە باشقا يەرگىمۇ كەتمەيمەن، بۇمېنىڭ زېمىنىم، شۇڭا بۇ يەردە ياشاشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى. زۇئابىنىڭ پارتىيەسى بالاد « بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ زۇئابىگە قارشى قىلغان تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ نەتىجىسىدۇر» دەپ بايانات بەردى.
45 ياشلىق زۇئابى 2009-يىلى ئىسرائىلىيەدىكى ئومۇمىي سايلامدا ئەرەب پارتىيەسى تىزىملىكىدىن ئىسرائىلىيە پارلامېنتىغا كىرگەن تۇنجى ئايال پارلامېنت ئەزاسى ئىدى. ئۇ 2010-يىلى مايدا غەززەگە ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ مېڭىش مەقسىتىدە يولغا چىققان، بىراق خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە 10 تۈرك پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن ماۋى مارمارا پاراخوتىدىكى يولۇچىلار ئىچىدە ئىدى.
خانىن زۇئابى ماۋى مارمارا پاراخوتى ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىگەنىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئۇ ئىزچىل رادىكال يەھۇدىيلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇردى. كېيىنچە ئىسرائىلىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن چېقىلماسلىق ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان بۇ پارلامېنت ئەزاسى سوتلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر