بىرازىلىيەدە سەل ئاپىتى يۈز بەردى

ئۆلكە مەركىزىگە قاراشلىق 40 رايوننىڭ سەل ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، ئۆلكىدىكى ئەجرە دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسىنىڭمۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

248240
بىرازىلىيەدە سەل ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەجرە ئۆلكىسىدە 132 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك تەبىئىي ئاپەت يۈز بەردى.
سەل سەۋەبىدىن ئۆلكە مەركىزى رىئو بىرانجۇنىڭ بەزى راونلىرىدا جىددى ھالەت ئېلان قىلىندى.
ئۆلكە مەركىزىگە قاراشلىق 40 رايوننىڭ سەل ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، ئۆلكىدىكى ئەجرە دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسىنىڭمۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سەلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 75 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، تەخمىنەن 7 مىڭ كشى ئۆي –ماكانسىز قالدى.
ئەجرە ئۆلكىسى يانۋار ۋە مارت ئايلىرى مەزگىلىدە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ھەر يىلى دېگۈدۈك سەل ئاپىتىگە دۇچار بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر