پاكىستاندا 5.8 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى

يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ پايتەخت ئىسلامئابادتىن تەخمىنەن 100 كىلومېتىر شىمالى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

240135
 پاكىستاندا 5.8 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى كۆزتىشى مەركىزى، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ پايتەخت ئىسلامئابادتىن تەخمىنەن 100 كىلومېتىر شىمالى ئىكەنلىكىنى، يەر تەۋرەشنىڭ يەرنىڭ تېگىدىن 24 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ھەيبەر پەھتۇنۋا ۋە پەنجاب ئۆلكىلىرىگە قاراشلىق كۆپلىگەن شەھەرلەردە ھېس قىلىنغان يەر تەۋرەشتە خەلق قاتتىق قورقۇپ كەتتى.
يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى تېخىچە مەلۇم ئەمەس.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر