«ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتتە بېسىم بارغانچە كۈچەيمەكتە»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.

239305
«ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتتە بېسىم بارغانچە كۈچەيمەكتە»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 25-فېۋرالدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋاللىرى ئۈستىدە توختالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايمۇ بار بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك يەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى، دىنى ئىبادەتلەرگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەندىن باشقا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە بۇرۇنقى يىللارغا قارىغاندا قىسمەن ياخشىلىنىش كۆرۈلگەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىندى.
دوكلاتنىڭ «خىتاي»غا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەتتىكى ئىنسان ھەقلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چەتكە قېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونى ۋە باشقا رايونلاردا مەيدانغا كەلگەن «زوراۋانلىق ۋەقەلىرى»نىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇرلارغا دۆڭگەپ قويۇپ، بۇلارنى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەبىرلىرى بىلەن ئىزاھلاشقان ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى، دوكلاتتا يەنە، بۇلتۇر ماي ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇپ نۇرغۇن كىشىنى تۇتقان قىلغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇلتۇر 26-مايدا خىتاي ھۆكۈمىتى 200دىن ئارتۇق«تېررورچى ۋە ئاشقۇن تەشكىلات» ئەزاسى تۇتقۇن قىلىپ، 23 دەك «تېررور گۇرۇھى»نى بىتچىت قىلغان.
بۇلتۇر 28-ئىيۇلدا ھۆكۈمەت تاراتقۇسى ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە «يەكەن ناھىيەسىدىكى تېررورلۇق قىلمىشى» ئەسناسىدا 37 «بىگۇنا پۇقرا» زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، 59 «زورۋان» بولسا ئېتىپ تاشلانغان. دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلار بۇ ساننىڭ تېخىمۇ كۆپلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن كىشىلەرگە ئوق چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە ئىزچىل كەمسىتىشكە ۋە بېسىمغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا دىنى ئەركىنلىكتىن تامامەن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى، سىياسىي جەھەتتىن بولسا چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر