قار كۆچۈش ھادىسىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 124 كە يەتتى
ئافغانىستاندىكى قار كۆچۈش ھادىسىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 124 كە يەتتى.
![قار كۆچۈش ھادىسىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 124 كە يەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/10-11/Files/UploadedImages/2699968871afganistan.jpg?time=1719197727)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەنچشىر شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئاپەتتە ئونلارچە ئافغان قار دۆۋىسىنىڭ ئاستىدا قالدى. ئافغانىستاننىڭ مەركىزىي ۋە شىمالىي قىسىملىرىدا ھەر يىلى قار كۆچۈش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ جەرياندا دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈرك خەلقىنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ قايغۇ ۋە خۇشاللىقتا بىرلىكتە بولۇپ كېلىۋاتقان ئافغان خەلقىنىڭ ئازابلىرىنى چىن يۈرەكتىن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، «مەزكۇر پاجىئەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا رەھمەت تىلەيمىز، يېقىن – يۇرۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، سەۋر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، يارىدارلارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز، يوقاپ كەتكۈچىلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېپىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719197728)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.