ۋېنېزۇئىلادا نامايىش قانغا مىلەندى
نامايىشتا ساقچىلار بىلەن يۈز بەرگەن تۇقۇنۇش ئەسناسىدا كىچىك بالىنىڭ بېشىغا ئوق تەككەنلىكى ۋە دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. ۋەقە ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈش باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
ۋېنېزۇئىلانىڭ غەرىبىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتا 14 ياشلىق بىر كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
نامايىشتا ساقچىلار بىلەن يۈز بەرگەن تۇقۇنۇش ئەسناسىدا كىچىك بالىنىڭ بېشىغا ئوق تەككەنلىكى ۋە دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. ۋەقە ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈش باشلاندى.
ۋېنېزۇئىلادا پىرېزىدېتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كاراكاس شەھەر باشلىقى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن مالمانچىلىق باشلانغان ئىدى.
ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەر يەكشەنبە كۈنىدىن بۇبان ئۈزلۈكسىز نامايىش ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
ۋېنېزۇئىلادا ئالدىنقى يىلدىكى نامايىشلاردىمۇ 40 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلش جەريانىدا 1301 كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.