نېتانياھۇ ئامېرىكا دېموكراتلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى دېموكرات پارتىيەسى مەنسۇپلىرىنىڭ يېپىق يىغىن ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلدى.

236953
نېتانياھۇ ئامېرىكا دېموكراتلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېتانياھۇ، دېموكرات پارتىيەسى پالاتا ئەزالىرىنىڭ ‹ئالدىمىزدىكى ئايدا ئامېرىكا پاتالاسىنىڭ ئورتاق يىغىنىدا سۆز قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا بارغاندا ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشنى خالايدىغانلىقى› توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى.

نېتانياھۇ، دېموكرات پارتىيە پالاتا ئەزالىرى دىك دۇربىن بىلەن دىياننې فېئىنستېيننىڭ تەلىپىنى زىيارىتىگە دائىر خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتمەسلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ رەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پالاتا ئەزاسى دۇربىن بولسا، يىللاردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنى قوللاپ كېلىۋاتقان دېموكراتلار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشمەسلىكنى قارار قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر