يادرو مۇزاكىرىلىرىدىن نەتىجە ھاسىل قىلىنالمىدى

ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يادرو مۇزاكىرىلىرىدىن ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلىنالمىدى.

230108
يادرو مۇزاكىرىلىرىدىن نەتىجە ھاسىل قىلىنالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولغان ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى، يادرو مۇزاكىرىلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەمما مۇرەسسەلىشىشكە تېخى يىراق ئىكەنلىكلىرىنى جاكارلىدى. مۇزاكىرىلەرگە ئىرانغا ۋەكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ئەلى ئەكبەر سالىھى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ۋەكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى بىلەن ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئېرنېست مونىز ئىشتىراك قىلدى. دۈشەنبە كۈنى قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولىدىغان تەرەپلەر 31 – مارتقىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى لازىم. 31 – مارتقىچە بىر رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان تەقدىردە، تېخنىلىك تەپسىلاتلار ئۈچۈن 4 ئايلىق مۇزاكىرە باسقۇچى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇرەسسەلىشىش تېكىستى، ئىراننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش پىروگراممىسىغا ئۇدا 10 يىل چەكلىمە قويۇلۇشى، ئارقىدىن تەدرىجىي ھالدا كېڭەيتىلىشىنى نىشان قىلىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، 31 – مارتقىچە بىرەر رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە مۇزاكىرىلەرنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئازيىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىران بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەرگە قارشى چىقىپ كېلىۋاتقان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ كېلەر ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاب قىلىشى، باسقۇچنىڭ قايتىدىن يېڭى تەنقىدلەرگە ئۇچرىشىشىغا سەۋەب بولۇشى كۈتۈلمەكتە. ئىران ئوران قويۇلدۇرۇش پىروگراممىسىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىلمىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىسرائىلىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى بولسا پىروگراممىدىن يادرو قوراللىرى نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتقا كۆرە، ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى موسسادقا كۆرە، نېتانياھۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىراننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش پىروگراممىسى ئەندىشىلەندۈرىدىغان دەرىجىدە ئەمەس ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر