ئافغانىستاندا 30 كىشى گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلدى
ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان زابۇل شەھىرىدە بىر ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىۋاتقان 30 يولۇچى تالىبان تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلدى.
230150
تۈركىيە ئاۋازى رادىيىوسى خەۋىرى: مەھەللىي مەنبەلەر، تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ شاھ جوي ناھىيەسىدە ئاپتوبۇسنى توسۇپ، ئىچىدىكى 30 ئادەمنى نامەلۇم بىر يەرگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى. شاھ جوي ھاكىمى ئابدۇلخالىق ئەييۇبى، ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن ھالدا، گۆرۈگە ئېلىپ كېتىلگەن كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.
تالىبان ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستان ئىجرائىيە ھەيئىتى باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، تالىبان بىلەن تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ پات يېقىندا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719159010)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.