«دائېش ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلمىشى سادىر قىلىۋاتىدۇ»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلمىشى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

230761
«دائېش ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلمىشى سادىر قىلىۋاتىدۇ»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيلىق جىنايىتى ھېسابلىنىدىغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت ئالىي كوممۇسسارلىقى ۋە ب د ت ئىراق ياردەم ئورگىنى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر دوكلاتتا، ئىراقتىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى تەپسىلىي تىلغا ئېلىندى.
دوكلاتتا 2014-يىلنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئىراقتا دائېش بىلەن قوراللىق مىلىتانلار تەرىپىدىن نۇرغۇن قېتىم ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى سادىر قىلىنغانلىقى، دائېشنىڭ قەتلىئاملار قىلغانلىقى، ئاياللارنى ئېلىپ قاچقانلىقى، ھەتتا قۇل قىلغانلىقى، ئايال ۋە بالىلارنى ساتقانلىقى، ئوغۇل بالىلارنى «جەڭچى» قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقى، مەبۇدلارنى ۋە كۈلتۈر ماكانلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ قىلمىشلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى ۋە ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، «مەملىكەتتىكى خىرىستىيان، تۈركمەن، كۈرت، شىئە ۋە سەبەك قاتارلىق ھەر خىل ئېتنىك ۋە دىنى كىملىكى بولغانلار دائېش ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بەزى قوراللىق كۈچلەرنىڭ قەستەن ۋە سىستېمىلىق ھالدا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە» دېيىلدى.
دوكلاتتا يەنە ئاتالمىش دائېش مەھكىمىلىرىنىڭ قارارى نەتىجىسىدە كېيىنكى ئۈچ ئايدا دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردا 165 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ، «دائېش ئۇرۇش جىنايىىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيلىق جىنايىتى ھېسابلىنىدىغان ئىنسان ھەقلىرى قىلمىشلىرى سادىر قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىران ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق شىئە ئەسكەرلەرمۇ ئوخشاش جىنايەت سادىر قىلدى. ھۆكۈمەت كونترول قىلالمىغان بەزى قوراللىق كۈچلەرمۇ دىيالا ۋە سالاھىددىن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە بۇنىڭغا ئوخشاش قىلمىشلارنى سادىر قىلىشتى» دېيىلدى.
دائېشنىڭ مەقىستىنىڭ ئىراق دۆلىتى ۋە جەمئىيىتىنى ۋەيران قىلىش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا مۇنۇلار قەيت قىلىندى: «بۇلتۇر 1-ئىيۇندىن 10-دېكابىرغىچە 7801 ئادەم ئۆلدى، 12451 ئادەم يارىلاندى. بۇنىڭدىن باشقا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ساغلىق ئېھتىياجلىرى قامدالمىغانلىقى ئۈچۈن قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى نامەلۇم.»

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر