باغداتتا ئارقىمۇ - ئارقىدىن بومبا پارتلىدى

باغداتنىڭ شىمالىدىكى ئەل مۇساھەدە رايونىدىمۇ بومبا ئاپتومۇبىل پارتلاش نەتىجىسىدە 2 كىشى ئۆلۈپ، 5 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

231509
باغداتتا ئارقىمۇ - ئارقىدىن بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 19 كىشى يارىدار بولدى.
ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتقا كۆرە، باغداتنىڭ جەنۇبىدىكى ئالبۇ ئامىر يېزىسىنىڭ يۈسۈفىيە رايونىدا يولغا بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا ساقچىلارنىڭ چارلاش ئەترىتى ئۆتۈۋاتقان پەيتە پارتلىغان ۋە نەتىجىدە 2 ساقچى ئۆلۈپ، 3 ساقچى يارىدار بولغان. يۈسۈفىيە رايونىدا يەنە بىر ساقچى ئاپتومۇبىلىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىمۇ بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
باغداتنىڭ شىمالىدىكى ئەل مۇساھەدە رايونىدىمۇ بومبا ئاپتومۇبىل پارتلاش نەتىجىسىدە 2 كىشى ئۆلۈپ، 5 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەششاب رايونىدا بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا بولسا، 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 9 كىشى ياردار بولدى.
باغداتنىڭ شىمالىدىكى ئەش شۇلە رايونىدا سانائەت مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ ئاپتومۇلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ، شوپۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 2 كىشى يارىدار بولدى.
باغدات ئارقىمۇ - ئارقىدىن بومبا پارتلاشلارغا سەھنە بولماقتا. ئىراقنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بولسا، بۇ پارتلاشتا «ئى ش ئى د» بىلەن چېتىشلىقى بولغان بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر