دائېش يەنە نۇرغۇنلىغان ئادەمنى قەتلى قىلدى

دائېش 27 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

227499
دائېش يەنە نۇرغۇنلىغان ئادەمنى قەتلى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل ۋىلايىتىنىڭ گۈنەر ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلغان دائېش مىلىتانلىرى 27 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
دائېش مىلىتانلىرى يېرىم كېچىدە ئەربىلدە 45 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان گۈۋەرگە قاراشلىق سۇلتان ئابدۇللاھ يېزىسىغا ھۇجۇم قىلدى. پەشمەرگە كۈچلىرى ھۇجۇمغا دەرھال قايتۇرما زەربە بەردى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە تەۋە كۈرەشچى ئايرۇپىلانلارمۇ دائېشىنىڭ ھەربىي بازىلىرىنى بومباردىمان قىلماقتا.
گۈۋەر ناھىيەسى ئەربىلگە يېقىن بولۇشى سەۋەبىدىن «ئىستىراتېگىيەلىك» جاي دەپ قارالماقتا. گۈۋەر ۋە مەھمۇر قولدىن كەتكەن تەقدىردە، ئەربىلنىڭ جەنۇبى زور تەھدىت ئاستىدا قالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ سەۋەبتىن كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى رايوندىكى ئەسكەر سانىنى ئاشۇردى.
ئىراقتا دائېشنىڭ 10-ئىيۇلدا مۇسۇلنى، ئارقىدىن بەزى رايونلارنى تارتىۋېلىشى بىلەن باشلىغان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. شىئە ئەسكەرلەرمۇ بولغان ئىراق ئارمىيەسى بىلەن پەشمەرگە كۈچلىرى، دائېشنىڭ قولىدىكى زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارماقتا. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرمۇ ئىراق ئارمىيەسىگە ھاۋادىن ياردەم بەرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر