ئىتالىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە

پەلەستىننىڭ دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىش مەسىلىسى ئىتالىيە پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان ئاۋام پالاتانىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىدۇ.

223790
ئىتالىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ شېرىكى بولغان دېموكرات پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى سولچىل پارتىيەلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى يولىدا پارلامېنتقا تەكلىپ لايىھەسى تەقدىم قىلدى.

مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ نورمالدا ئەتە ئاۋازغا قويۇلۇشى كۈتۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئاۋام پالاتادىكى ئىسلاھات قانۇنلىرىغا دائىر باشقا مۇزاكىرىلەر يۈزىسىدىن تەكلىپنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئۆكتىچى شىمال بىرلىكى پارتىيەسى بولسا، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىككى تەرەپ كېلىشىمى ھاسىل قىلىنماي تۇرۇپ، پەلەستىننىڭ دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىش تەكلىپلىرىگە ئىجابىي قارىمايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ رومادىكى ئەلچىخانىسىمۇ تەكلىپنىڭ پالاتانىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان بولۇشىغا بىر بايانات ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈردى.

باياناتتا، قارارغا ‹ۋاقىتسىز› دەپ باھا بېرىلدى ۋە «ھەرقانداق بىر بالدۇر ئېتىراپ قىلىش پەلەستىنلىكلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرىدىنمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر