بوكو ھارامنىڭ نىگېرىيەدىكى زوراۋانلىقلىرى داۋام قىلماقتا
بىئۇ شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا 36 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
222052
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقەدىن كېيىن ئەسكەرلەرنىڭ بوكو ھارام قوراللىقلىرىغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 ئادەم يارىلاندى.
نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان پوتىسكۇم شەھىرىدىكى بىر رېستۇراندا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا بولسا، 4 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام قوراللىقلىرى دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى بورنو ۋىلايىتىدىكى بىر شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى؛ تەشكىلات ئەزالىرى شەھەردىكى كۆپلىگەن ئۆي – ماكان ۋە دۆلەت بىنالىرىغا ئوت قويۇپ بەردى.
شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپ سانلىقى رايوندىن قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، قېچىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان بىمارلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.