بىرمىدا مۇسۇلمانلار داۋاملىق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە

ھۆكۈمەت كۆچمەنلەر ئىشلىتىۋاتقان ۋە «ئاق كارت» سۈپىتىدە بىلىنىدىغان ۋاقىتلىق كىملىكلەرنىڭ يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

222608
 بىرمىدا مۇسۇلمانلار داۋاملىق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق كارتلار نوپۇسى 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكان مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەكتە.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2010 – يىلقى سايلاملاردا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ كارتلار يىغىۋېلىنغان تەقدىردە، مۇسۇلمانلار بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلاملاردا ئاۋاز بېرەلمەيدىكەن.
روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى پىرېزىدېنت سېين سېين ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش دەپ قاراپ، «بۇ سىياسىي قورقۇنچاقلىق» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر