يەھۇدىي كۆچمەنلىرى بىنالارنى چېقىۋېتىشكە توسالغۇ بولدى

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە ئائىت بىنالارنى چېقىۋېتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىسرائىلىيە كۈچلىرىگە توسالغۇ بولدى.

221029
يەھۇدىي كۆچمەنلىرى بىنالارنى چېقىۋېتىشكە توسالغۇ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راماللاھ شەھرى ئەتراپىدىكى مەتاھ بىنيامىن رايونىدىكى ئامىئاد يەھۇدىي ئولتۇراق مەھەللىسىدە قانۇنسىز بىنالارنىڭ چېقىلىشىغا توسالغۇ بولماقچى بولغان يەھۇدىيلار، يول توسۇپ ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ رايونغا كىرىشىگە يول قويمىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلىشى داۋاملاشماقتا.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋە پۇقرالار نىشان قىلىنغان ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان دېگەن گۇمان بىلەن 9 نەپەر پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر