خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەللىك سەۋەبىدىن 1271 كىشى ئۆلدى
خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ1271 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
220907
خىتايدا بۇ يىل يانۋاردا يۇقۇملۇق كېسەللىك سەۋەبىدىن 1271 ئادەم ئۆلدى.
خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ئائىلە پىلانلاش كومىتېتى، مەملىكەت مىقياسىدا يۇقۇملۇق كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ يانۋار ئېيىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %10 ئېشىپ، 1271 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مەملىكەت مىقياسىدا 500 مىڭغا يېقىن يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن كومىتېت، ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە جىگەر ياللۇغى، تۇبېركۇليوز، قىزىل ۋە سىفلىس ئوخشاش كېسەللىكلەر سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇلتۇر دېكابىردا يۇقۇملۇق كېسەللىك 1710 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719141539)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.