جەنۇبىي كورېيە – شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرى

جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە مىنىستىرلىقى، 19 – فېۋرالنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كورېيەلەر ئارا كېلىشىمنىڭ 23 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شىمال بىلەن مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىشى ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇستەھكەملىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

221182
جەنۇبىي كورېيە – شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «شىمالىي كورېيە كورېيەلەر ئارا بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مۇزاكىرە تەلىپىمىزنى قوبۇل قىلىشى لازىم» دېيىلدى.
باياناتتا، بولۇپمۇ كورېيە ئۇرۇشىدا بۆلۈنۈپ كەتكەن ۋە چېگرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ياشاۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2007 – يىلدىن بېرى پىرېزىدېنت سەۋىيەسىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلمىدى. شىمالىي كورېيە ۋە جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ماي ئېيىدا رۇسىيەگە تەكلىپ قىلىنىشى، كىم جوڭئۇن بىلەن پارك گېئۇنخېينىڭ تۇنجى قېتىم رۇسىيەدە بىر يەرگە جەم بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر