گېرمانىيە بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتتى
گېرمانىيە بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، گېرمانىيەنىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيەسىگە يۆنىلىش بېكىتىدىغان ۋە دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ خەلقئارا ۋەزىپىلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغان «ئاق تاشلىق كىتاب» ناملىق ھۆججەتنىڭ قايتىدىن تەييارلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بېرلىندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن لېيېن، ھۆججەتنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا مىنىستىرلار ۋە مۇتەخەسسىلەر بولۇپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېيېن «ئاق تاشلىق كىتاب 2016»نى تەييارلاش خىزمەتلىرىدە تۆت تېما بويىچە كېڭەش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى، تۇنجى تېمىنىڭ گېرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سىياسىتى ئۈچۈن يېڭى نۇقتىينەزەرلەر، ئىككىنچى تېمىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ خەلقئارادىكى ۋەزىپىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
لېيېن ئۈچىنچى تېمىنىڭ يېڭى مۇداپىئە ئىستىراتېگىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىچكى سىياسەتتىكى تالاش-تارتىشلارنى مۇزاكىرىگە قويۇش ئىكەنلىكىنى، تۆتىنچى تېمىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيەسى ئىگە بولغان ئاساسلىق قابىلىيەتلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.