ئەسەد قىسىملىرى«ۋاكۇم بومبىسى» ھۇجۇمى قوزغىدى
ئەسەد قىسىملىرى«ۋاكۇم بومبىسى» ھۇجۇمى قوزغاپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد قىسىملىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شىمالدىكى ئىدلىب شەھرىنىڭ جىسىر ئەش شۇغۇر ناھىيەسىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ 20 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاپ كومىتېتى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ جىسىر ئەش شۇغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق ناجىيە يېزىسىغا 4 «ۋاكۇم بومبسى» بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھۇجۇمدا 60 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ نوپۇسى زىچ بولغان رايونلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
سۈرىيە يەرلىك كوئوردىناتسىيە كومىتېتى ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 9 ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719179004)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.