خىتاي-ئىران مۇناسىۋىتىنى ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش كېرەك

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىراندا زىيارەتتە بولماقتا.

219783
خىتاي-ئىران مۇناسىۋىتىنى ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن روھانىي ئىراندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى قوبۇل قىلدى.
پىرېزىدېنتلىق سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كۆرۈشۈشتە سانائەت، پەن-تېخنىكا، ساياھەت، تۆمۈر يول ۋە پورتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېنېرگىيە ۋە يېزا-ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردە، شۇنداقلا بانكىچىلىق ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پىرېزىدېنت روھانىي تېھران بىلەن بېيجىڭنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى ھەر ساھەدە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
كۆرۈشۈشتە، خىتاينىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي بەش ئەزاسى ۋە گېرمانىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان يادرو مۇزاكىرىلىرىنىڭ بۇرۇنراق ئاخىرلىشىشىغا شاھىت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان روھانىي مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە قارشى تەرەپ تىگىشلىك سىياسىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلسا، پات يېقىندا يادرو مۇزاكىرىلىرىدىن ئىجابىي نەتىجە چىقىشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى يادرو مۇزاكىرىلىرى مۇساپىسىنىڭ بۇرۇنراق ئاخىرلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارايمەن.»
روھانىي يەنە: «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنىڭ خىتاي-ئىران مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىشى لازىملىقىنى» ئىلگىرى سۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ خىتاينىڭ ئىران بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش نىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر