كانادادا ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى قانغا بويۇلۇشقا تاس قالدى

مۇخبىرلار بۇ كىشلەرنىڭ قايسى دىنغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى سوراپ شۇنچە چىڭ تۇرىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ھېچ بىرىگە جاۋاپ بەرگىلى ئۇنىمىدى.

218586
كانادادا ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى قانغا بويۇلۇشقا تاس قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادادا ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى كۈنى چوڭ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى.
ھالىفاكس شەھىرىدە ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى كۈنى خەلقنى قالايمىقان ئوققا تۇتۇپ، ئارقىدىن ئۆزىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى پىلانلىغان كىشىلەر قولغا ئېلىندى.
ۋەقەنىڭ تېرررولۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى تۇتۇش ھەرىكىتىدە، 20 ياشلىق ئەر بىلەن 23 ياشلىق بىر نەپەر ئايالنىڭ ھالىفاكس ئايرودۇرۇمىدا، 17 ياشلىق يەنە بىر ئەرنىڭ بولسا، كول ھاربىر رايونىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى، بۇ گۇماندارلارغا چېتىشلىقى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن 19 ياشلىق يەنە بىر ئەرنىڭ ئۆز ئۆيىدە ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.
مۇخبىرلار بۇ كىشلەرنىڭ قايسى دىنغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى سوراپ شۇنچە چىڭ تۇرىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ھېچ بىرىگە جاۋاپ بەرگىلى ئۇنىمىدى. پەقەت «مەدەنىي ئاساسىي بولمىغان بىر دىنغا مەنسۇپ» دېيىش بىلەنلا كۇپايە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر