لىۋىيەدە يەنە پارتىلاش يۈز بەردى

راكىتامىيۇتنىڭ كىم تەرىپدىن ۋە قەيەردىن ئېتىلغانلىقى تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

217954
لىۋىيەدە يەنە پارتىلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ سەبھا شەھىرىدە كۆڭۈل ئېچىش چېدىرىغا بىر راكىتامىيۇت چۈشتى.
ۋەقەدە 3 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 15 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقى، راكىتامىيۇتنىڭ كىم تەرىپدىن ۋە قەيەردىن ئېتىلغانلىقى تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۇجۇمنىڭ مەسئۇلىيىتىنىمۇ ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر