«بوكو ھارامنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلايمىز»

چاد ھۆكۈمىتى بوكو ھارامنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

217353
«بوكو ھارامنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاد ھۆكۈمىتى بوكو ھارام تەشكىلاتىنى يىلىتىزدىن قۇرۇتۇپ تاشلىغۇچە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
چاد ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتاب باشلىقى باياناتچىسى ئازەم ئاگۇنا، چاد ئارمىيەسىنىڭ مەقسىتىنىڭ بوكو ھارام مىلتانلىرىغا زەربە بېرىش ئەمەس، بەلكى يىلتىزىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئاگۇنا مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىز بوكو ھارامنى نىگېرىيەگە چىكىندۈرۈش ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولۇش ئەمەس، ئۇرۇشتا ئىشنى چالا قىلىشقا بولمايدۇ. بىز ئۇلارنى تەلتۆكۈش يوقاتماقچىمىز.»
ئاگۇنا چاد ھۆكۈمىتىنىڭ كامېرۇن ۋە نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 500دىن ئارتۇق بوكو ھارام مىلىتانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.
ئۇ چاد پىرېزىدېنتى ئىدرىس دەبىنىڭ «دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتى تەھدىت ئاستىدا تۇرماقتا. بوكو ھارامنىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرالمايمىز. بىز زەربە بەرمىسەك ئۇلار بىزگە زەربە بېرىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلىتى ئۆتتى.
چاد ۋە نىگېرىيە قىسىملىرى بىلەن بوكو ھارام مىلىتانلىرى ئوتتۇرىسىدا نىگېرىيەدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا 13 مىلىتان ۋە 1 چاد ئەسكىرى ئۆلدى.
بوكو ھارام كامېرۇن چېگرىسىغا يېقىن گامبارۇ رايونىغا ئورۇنلاشقان چاد قىسىملىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى. چاد ھۆكۈمىتى بوكو ھارامغا قارشى ھۇجۇم قوزغاش ئۈچۈن چېگرىغا 2500گە يېقىن ئەسكەر ئەۋەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر