شارلى ئېبدو: پاپا بىلجىرلىدى، بىز مەسخىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

پارىژدا 7- يانۋاردا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ھەجۋىي رەسىم ژۇرنىلى شارلى ئېبدونىڭ باش تەھرىرى گېرارد بىئارد، پاپا فىرانسىسكوغا نارازىلىق بىلدۈردى.

215295
شارلى ئېبدو: پاپا بىلجىرلىدى، بىز مەسخىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرارد بىئارد، ئىلاھىي ۋە دىنىي قىممەت – قاراشلارغا ھاقارەت قىلىدىغان ھەجۋىي رەسىملەرنى ئېلان قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ژۇرنالنى «ئانامغا ھاقارەت قىلغۇچى يەيدىغان مۇشتنى كۈتۈشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئەيىبلىگەن پاپانىڭ بىلجىرلىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىئارد بىر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «كىم بولۇشى مۇھىم ئەمەس، ھەرقانداق نەرسىنى مەسخىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى ۋە «بۇ بىر پاپانىڭ تۇنجى قېتىم بىلجىرلىشى ئەمەس، ئاخىرقىسىمۇ بولۇپ قالمايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

كاتولىكلارنىڭ روھانىي لىدىرى پاپا فىرانسىسكو ژۇرنالنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىشى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلغاندا، تەڭرى نامىدىن جىنايەت سادىر قىلىشنىڭ «دىندىن ئېغىش» دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دىنلارنى مەسخىرە قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئانامغا ھاقارەت قىلغۇچى يەيدىغان مۇشتنى كۈتۈشى كېرەك» دېگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر