دائېش (ئى ش ئى د) ھەر تەرەپتىن زەربىگە دۇچ كەلمەكتە

دائېش (ئى ش ئى د) قا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

215901
دائېش (ئى ش ئى د) ھەر تەرەپتىن زەربىگە دۇچ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق بىلەن سۈرىيەدە دائېش (ئى ش ئى د)قا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئىراقنىڭ ساماررا شەھىرىدە بىر ھەربىي بازىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 6 ئادەم ئۆلدى، 29 ئادەم يارىلاندى.
ئىراق ئارمىيەسى دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلمەكتە. ئىراق ئارمىيەسىنىڭ سالاھىددىن ئۆلكىسىگە قاراشلىق بەيجى ناھىيەسىگە يېقىن جايدا دائېشقا نىسبەتەن «ئىستىراتېگىيەلىك» بازا ھېسابلىنىدىغان ئەل-فەتىھ رايونىنى قايتۇرۇپ ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيەنىڭ راككا شەھىرىگە قاراشلىق تەلابيادتا كەچ تەرەپلەردە مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلار، چېگرىنىڭ تۈركىيە قىسمىغا جايلاشقان شانلىئۇرفانىڭ ئاكچاكالە ناھىيەسىدە قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلدى. بۇ ريون دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرماقتا.
ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن ئىيوردانىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى دائېش بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلكىگە تەۋە F-16'lar تىپلىق ئايرۇپىلانلارمۇ ئىيوردانىيە ئارقىلىق دائېىش بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر