سۇداندا خەلقئارا ئىنسانىي ياردەم قىلىش خادىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
سۇداننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ماۋى نىل ئۆلكىسىدە شىمالىي سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى ئىنسانپەرۋەر ياردەم قىلغۇچى خادىملارغا ھۇجۇم قىلىپ، 3 ئادەم ئۆلتۈردى.
214675
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سۇنا ـ نىڭ خەۋىرىگە كۆرە، شىمالىي سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى خەلقئارا قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى ئىنسانپەرۋەر ياردەم قىلىش خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان.
شىمالىي سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيەسى 2011- يىلى جەنۇبىي كوردوفاندىكى سايلاملاردا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ھەرىكەت باشلىغانىدى.